خوتەن 2 - كوچىسى «ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كارىدورى»غا ئايلاندى
پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز گەي يۈ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سايباغ رايونى خوتەن 2 - كوچىسىدا «كېيىنكى بېكەت خوتەن» ناملىق باش تېمىلىق كۇەيشەن پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت ئىدارىسى خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، كۇەيشەن ناخشا - ئۇسسۇلى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، كوچىدا ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى بىر مەيدان ئېسىل مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى بىلەن ئۇچراشتۇردى.
سائەت 12:00لەردە «كېيىنكى بېكەت خوتەن» دېگەن بۇيرۇقىنىڭ بېرىلىشى بىلەن، داپچىلار ۋە ئۇسسۇل ئارتىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن كۇەيشەن ئەترىتى كوچىدا پەيدا بولدى، ئۇلار رەڭدار كىيىملەرنى كىيىپ، مۇزىكىغا جور بولۇپ شادىيانە ئۇسسۇللارنى ئوينىدى، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر قىزغىن كەيپىياتتا بەس - بەستە ئۇسسۇلغا چۈشتى.
شىنجاڭلىق داڭلىق ناخشىچى سۇ ئېردۇڭمۇ نەق مەيدانغا كېلىپ، كۆپچىلىككە «خوتەن قىزى» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتىپ بەردى.
خۇنەندىن كەلگەن ساياھەتچى ليۇ يەن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگىنىم ھەقىقەتەن ئەرزىگۈدەك ئىش بولدى، بىز تۇنجى بېكەتنى خوتەن 2 - كوچىسى قىلىپ تاللاپ، شىنجاڭنىڭ مول، مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگىش بىلەن سەپىرىمىزنى باشلىدۇق. ھەمتۈرتكە پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، خوتەنچە خاسلىققا ئىگە <تاڭزۇڭزا>، دورا ماتېرىياللىرى قوشۇلغان ئەتكەن چاينى تېتىدۇق، يەنە ئۇسسۇلچىلاردىن شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى قانداق ئويناشنى ئۆگەندۇق، مەن كېيىنكى بايراملىق دەم ئېلىشتا ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭغا كېلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنى ئايلىنىپ، شۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ - ئادىتىنى ھېس قىلىشنى ئويلاشتىم».
«ئەسلىدە بىر زۇڭزىغا مىڭ يىللىق تارىخ يوشۇرۇنغان ئىكەن». شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ چاۋ نەق مەيداندا «تاڭزۇڭزا»نىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئىگىلىدى، ئەسلىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شۈەنزاڭ ھەزرەت شەرققە قايتىش سەپىرىدە يۈتيەنگە كەلگەندە دەل دۇەنۋۇ بايرىمىغا ئۇدۇل كەلگەن، ئۇ شۇ جايدىكى قومۇش يوپۇرمىقى ۋە قاش دەرياسى گۈرۈچى بىلەن زۇڭزا تۈگۈپ يۇرتنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن، بۇ ئۆرپ - ئادەت بويىچە ھازىر خوتەن ۋىلايىتى خەلقى ئارىسىدا «تاڭزۇڭزا» دېگەن نام پەيدا بولغان.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئەتلەس، خوتەن گىلىمى قاتارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى تىزىلغان، يەنە «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېينىڭ بەلگىسى بېسىلغان خاتىرە بۇيۇملىرى بار.
خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ تەۋسىيە قىلغۇچىسى ئىپارگۈل مەمتىمىن مۇنداق دېدى: خوتەن 2 - كوچىسىدا خوتەننى تونۇشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئەھمىيىتى بار، بىز بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى خوتەنگە كېلىشكە، خوتەننى چۈشىنىشكە، خوتەننى ياقتۇرۇپ قېلىشقا جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
مۇھەررىر:ئەۋزەل زۇلپىقار، تەكشۈرگۈچى: ئابدۇسالام ئابدۇۋايىد