داشىزى − يۈز يىللىق سودا تومۇرىنىڭ دەۋر سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش


ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى/ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
2025/06/21 21:20

داشىزى − يۈز يىللىق سودا تومۇرىنىڭ دەۋر سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش

   تاڭ نۇرى بوغدا چوققىسىدىكى سۇس تۇماننى يېرىپ ئۆتكەندە ئۈرۈمچى داشىزى كوچا رايونىنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسى تەدرىجىي روشەنلەشتى، شەكىللەنگىنىگە ئۈچ ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت بولغان، ئازادلىق يولىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ سودا كوچا رايونى ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ قەلبىدە ھېلىھەم مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە شەھەرنىڭ يۈز يىللىق سودا خاتىرىسى مۇجەسسەملەنگەن بۇ تۆت كوچا ئېغىزى ئۆزگىچە قىياپەتكە ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ سۆھبىتىنى بايان قىلماقتا. قەدىمىي يىپەك يولىدىكى كولدۇرما ئاۋازىدىن ئاقىل سودا چەمبىرىكىنىڭ رەقەملىك تومۇرىغىچە، داشىزىدىكى ئۆزگىرىشلەر خۇددى شىنجاڭنىڭ مىكرو تەرەققىيات داستانىغا ئوخشاش ئۇنىڭغا باش - ئايىغى ئېنىق بولغان ئۇزاق خاتىرىلەر خاتىرىلەنگەن.

    20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىكى خوڭچۇنيۈەن جايلاشقان كوچىنىڭ مەنزىرىسى.

   ▲ ئىلگىرىكى خۇڭچۇنيۈەن ئاشخانىسىدا قورۇما تەييارلاۋاتقان ئۇستاملار.

    ئىلگىرىكى خۇڭچۇنيۈەن ئاشخانىسى.

   (يۇقىرىقى سۈرەتلەرنى شىنخۇا شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى تەمىنلىگەن)

    ھازىرقى داشىزىنىڭ كوچا مەنزىرىسى، مەدەنىيەت كوچىسىدىكى مەززىلىك تائاملار.

    ئىلگىرىكى قىزىلبايراق تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىنىڭ ئورنىغا جايلاشقان ھازىرقى شىنجاڭ خېڭدېلى شىركىتى.

   خۇڭچۇنيۈەننىڭ چوڭ زال دىرېكتورى ۋۇ شيا سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ، خۇڭچۇنيۈەننىڭ ئۆزگىرىشىنى بايان قىلماقتا.

    ھازىرقى داشىزىنىڭ كوچا مەنزىرىسى، بۇ يەردە ياشلار ياخشى كۆرىدىغان قەھۋەخانىلار بار.

   (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز چېن يەنفاڭ فوتوسى)

 ئىزلارنى ئىزدەش 

يىپەك يولى سودا مەركىزىنىڭ يۈز يىللىق تومۇرى

   قاينام - تاشقىنلىققا تولغان جۇڭسەن يولى بىلەن ئازادلىق شىمالىي يولى كېسىشىدىغان تۆت كوچا ئېغىزى دەل «داشىزى» بولۇپ، ئىككى يول كېسىشكەن جايغا جايلاشقانلىقتىن «大十字» دەپ ئاتالغان. ئۈرۈمچىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزاق جايلارنىڭ بىرى بولغان بۇ جاي تارىخ بەتلىرىگە پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئۇزاق يىللار ساقلىنىپ قالغان ئەسلىمىلەرنى بىر - بىرلەپ بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

   «ئۈرۈمچى سودا مەركىزى» دېگەن كىتابتا خاتىرىلىنىشىچە، يېقىنقى زاماندا ئۈرۈمچىنىڭ سودا ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا زو زۇڭتاڭ قوشۇن تارتىپ شىنجاڭغا كېلىپ، ياقۇپبەگ توپىلاڭچى قوشۇنىنى قورشاپ يوقاتقانلىقى سەۋەب بولغان − 1875 - يىلى بىر تۈركۈم ياڭليۇچىڭلىقلار يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ماللارنى ئەپكەشلىرىدە كۆتۈرۈپ، قوشۇن بىلەن بىللە شىنجاڭغا كېلىش جەريانىدا يول بويى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىغان، بۇ «بارگاھقا يېتىشىۋېلىش» دەپ ئاتالغان.

   1876 - يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بارگاھقا يېتىشىۋالغان ياڭليۇچىڭلار ئارىسىدىكى تىجارەتچىلەر ئارقا - ئارقىدىن داشىزىدا دۇكان ئېچىپ، داشىزىنى ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى سودا كوچا رايونىغا ئايلاندۇرغان. تىجارەتچىلەر «ئولتۇرۇپ سودا قىلىش»قا ئۆزگىرىپ، تەدرىجىي كۆلەملەشكەن بازار شەكىللەنگەن، تيەنجىن سودىگەرلەر توپىنىڭ «يوڭيۈدې»، «تۇڭشېڭخې»، «فۇچۇەنيۇڭ» قاتارلىق سەككىز چوڭ داڭلىق دۇكىنى بۇ يەرگە ماكانلاشقان. ئۇلار يىپەك، رەخت، پېچىنە - پىرەنىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئەڭ تەرىپلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جياڭيۇ ۋە پېچىنە - پىرەنىك تىجارىتىنى ئاساس قىلغان فۇچۇەنيوڭ جياڭيۇخانىسى يۈز يىللىق ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە كونا داڭلىق ماركىغا ئايلانغان، ئۇ دەل ھازىرقى ئۈرۈمچى 1 - ئىيۇل جياڭيۇ زاۋۇتىدۇر.

   تيەنجىن ياڭليۇچىڭلىق تىجارەتچىلەر («بارگاھقا يېتىشىۋېلىش» سودىگەرلەر توپى)نىڭ توپلىشىشى بىلەن، داشىزى بىر مەھەل «كىچىك ياڭليۇچىڭ» دەپ ئاتالغان، ئۇلار بېيجىڭ، تيەنجىننىڭ تاۋارلىرىنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە باھار بايرىمىلىق رەسىم، دۈيليەن قاتارلىق خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتىنى ئېلىپ كەلگەن. ھەر يىلى باھار بايرىمىدا داشىزىدىكى باھار بايرىمىلىق رەسىم بازىرى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن، ئۇستا خەتتات گاۋ زىجاڭغا ئوخشاش خەتتاتلارنىڭ ئەينى چاغدا نەق مەيداندا يازغان دۈيليەنلىرى كونا ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ ھېلىھەم ئورتاق ئەسلىمىسىدۇر.

   شۇڭا ياڭليۇچىڭلىقلارنى ئۈرۈمچىنىڭ سودا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسچىلىرى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلار ئۈرۈمچى سودا تارىخىدا ھەتتا شىنجاڭ سودا تارىخىدا نۇرغۇن «تۇنجى»نى ياراتقان.

   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىغا ئەگىشىپ، داشىزى ئالتۇن دەۋرنى كۈتۈۋالدى، سودا سارايلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك بارلىققا كېلىپ، بۇ يەر ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق سودا مەركىزىگە ئايلاندى. لېكىن يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، شەھەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن سودا چەمبىرەكلىرى ئارقا - ئارقىدىن باش كۆتۈرۈپ، داشىزى ئىلگىرى يالغۇز بەھرىمەن بولۇۋاتقان سودا ئاۋاتچىلىقى ئاستا - ئاستا باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى. يىپەك يولىدىكى كولدۇرما ئاۋازىغا، سودىگەرلەر توپىنىڭ ھېكايىسىگە گۇۋاھ بولغان بۇ يۈز يىللىق سودا تومۇرى بۈگۈنكى كۈندە تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇپ، سودا ھېكايىسىنى داۋاملىق پۈتەلەمدۇ ياكى يېڭى شەيئىلەرنىڭ ھالقىشىنى كۈتۈۋالامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى بەلكىم كونا كوچا بىلەن زامانىۋىلىشىۋاتقان شەھەر ئارىسىغا، تارىخ بىلەن ھازىرقى تۇيغۇ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن.

 ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش 

ئەسلىمە ۋە مودا كەيپىياتقا تولغان تۆت كوچا ئېغىزى

   بۈگۈنكى كۈندە داشىزى سودا چەمبىرىكى ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىنىڭ مودا يەر بەلگىسىگە ئايلاندى، بۇ يەرگە خۇيجيا شىدەي مەيدانى، جۇڭچۈەن مەيدانى، قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر شەھەرچىسى، بەيخۇاسۈن رەقەملىك مەھسۇلاتلار مەيدانى قاتارلىق سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى جەم بولدى. بۇلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن مەدەنىيەت كوچىسىدىكى قاتار - قاتار مەززىلىك تائاملار دۇكىنى بىلەن خاسلىققا ئىگە ئاشخانىلار ئۆزگىچە شەھەر يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى. گەرچە سودا شەكلىنىڭ ئالمىشىشى تېز بولسىمۇ، لېكىن شەھەر ئەسلىمىسى مۇجەسسەملەنگەن كىلاسسىك مەززىلىك تائاملار شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدە باشتىن - ئاخىر مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى.

   ئۈرۈمچى شەھىرى داشىزى ئەتراپىغا جايلاشقان لىڭلىڭ مىفېن دۇكىنى 1998 - يىلى داڭق چىقاردى.

   «لىڭلىڭ» مىفېن دۇكىنىنىڭ لوبىنى ما شۆفېڭنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى ئىدى. ئۇ ئىلگىرى ئېرى بىلەن بىللە جۇۋاۋىخانا ئاچقان، كېيىن ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئاساس قىلىپ جۇۋاۋىخانىنى مىفېن دۇكىنىغا ئۆزگەرتكەن، بۇنىڭ بىلەن سودىسى تېزلا روناق تاپقان، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدىكى قىزلار ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ كېلىپ، ئاچچىق تەملىك مىفېننى يەپ كېتىشكە ئادەتلەنگەن.

   ئۇزۇن، تار كەتكەن دۇكاندا مىفېن يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار قىستىلىشىپ ئولتۇراتتى، لىڭلىڭ مىفېن دۇكىنى تىلغا ئېلىنغاندا «مەززىلىك تەم» ۋە «قىستاڭچىلىق» دېگەن بۇ سۆزلەر كىشىلەرنىڭ بۇ دۇكانغا بولغان ئەسلىمىسىنى ئويغىتىدۇ.

   بۈگۈنكى كۈندىمۇ لىڭلىڭ مىفېن دۇكىنى يەنىلا داشىزىدىكى كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدىغان بۇلۇڭدا، ئىزچىل باشقا جايغا كۆچۈرۈلمىگەن لىڭلىڭ مىفېن دۇكىنى ھازىرغىچە داشىزىدىكى يەر بەلگىسى خاراكتېرلىك ئاشخانا بولۇپ كەلمەكتە.

   قانداق ۋاقىتتا بۇ دۇكانغا كېلىڭ، دۇكانغا توختىماي كىرىپ - چىقىۋاتقان ۋەيمەي توشۇغۇچىلارنى ۋە ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان خېرىدارلارنى كۆرىسىز. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان داڭق چىقىرىپ كېلىۋاتقان لىڭلىڭ مىفېن دۇكىنى بەيخۇاسۈن سېرىقئېشىغا ئوخشاش ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ ئەڭ تېرەن ئەسلىمىلىرىدىن ئورۇن ئالغان. ياقا يۇرتلاردىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلەر ئانىسى ئەتكەن تاماققا ئېغىز تېگىپ بولغاندىن كېيىن، 56 ياشقا كىرگەن لىڭ لىڭ ھەدىنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ ئاچچىق مىفېندىن بىر قاچا يېمەي قالمايدۇ.

   80 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان گاۋ جېڭپىڭ ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلبايراق يولى تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىنىڭ مال ساتقۇچىسى ئىدى، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا داشىزىدا، يەنى ھازىرقى شىجى داڭلىق سائەت دۇكىنىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىدى. ئۇ داشىزىنىڭ ئاپتوموبىللار ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئاۋاتلىقىغا كۆنۈپ قالغاچقا، بالىلىرىنىڭ لىفىت بار بىنادىن ئۆي ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يىلتىزىم، روھىم داشىزىدا، بۇ يەردىن ئايرىلمايمەن».

   كونا شەھەر ئۆتكەن ئىشلارنى كەڭ قورساقلىق بىلەن يېڭى پۇراققا ئىگە قىلدى − بۇ يەردىكى ھېكايىلەرنى ئەسلىمە بىلەن ئېقىننىڭ قارشىلىشىشى ئەمەس، بەلكى يۈز يىللىق سودا تومۇرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى نازۇك داۋامى دېيىشكە بولىدۇ.

   يىللارغا چوڭقۇر مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن. ھەر سەھەردە بوغدا چوققىسى داشىزىدىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي سودا تومۇرىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئۆزگىرىشىگە نەزەر تاشلاپ تۇرىدۇ: ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا كۆرۈنۈۋاتقان تۆگە كارۋىنى، ساۋما قىلىپ پۇل تۆلىگەندە چىققان ئاۋازدىن يىپەك يولىدىكى كولدۇرما ئاۋازى خىرە ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. يىپەك يولىدىكى بۇ مۇھىم بازارغا ئۆزىگە تەۋە مەدەنىيلىك فورمۇلاسى يېزىلماقتا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى قىياپىتى ھەربىر ئۈرۈمچىلىكنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتتى، ئۇ مۇھەببەت، ئۇ ئەسلىمە، ئۇ بىر پارچە سارغىيىپ كەتكەن سالام خەت، ۋاقىتنىڭ قات قېتىدا مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، ئۆڭمەيدۇ.

 يېڭى تۈس 

كونا داڭلىق ماركىلارنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈش شىفىرى

   داشىزىدا ئىلگىرى ئۇششاق تاۋارلار دۇكانلىرى زىچ جايلاشقان بولۇپ، چاي دۇكانلىرىدىن چاينىڭ خۇش ھىدى تاراپ تۇراتتى، شياۋشىزىدىكى شىچۈ تىياتىرخانىسى بىلەن كىنوخانا بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. خۇڭچۇنيۈەن ئاشخانىسى، بەيخۇاسۈن، خېڭدېلى سائەت دۇكىنى... ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ خاتىرىسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ كونا داڭلىق ماركىلار باشتىن - ئاخىر بۇ كوچا رايونىنىڭ مەنىۋى كوردىناتى بولۇپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ كونا داڭلىق ماركىلار يەنىلا بۇ كوچىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىمەكتە.

   خۇڭچۇنيۈەن تىلغا ئېلىنسا، ئۈرۈمچىدىكى كونا ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ يادىغا كىچىك ۋاقىتلىرىدا قاسقاندىن يېڭى چىققان مانتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەتىگەندە ئۆچرەتتە تۇرغان ئەسلىمىلىرى كېلىدۇ.

   ئەسلىي نامى «شىڭخۇاسۈن» بولغان خوڭچۇنيۈەن ئاشخانىسى 1891 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ مەنچېڭ كوچىسى (ھازىرقى دۆلەت قۇرۇش يولى)نىڭ شىمالىي تۆت كوچا ئېغىزىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان، بۇ ئاشخانىنىڭ ئىگىسى ئاشپەز ۋاڭ كەيچۇەن بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇ سىچۇەن قورۇمىلىرى ئاشخانىسى ئىدى.

   ئەينى چاغدا كونا ئۈرۈمچىدىكى چوڭ ئەمەلدارلار، سودىگەرلەر كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزگەندە، داڭلىق ئاشپەز ئۇستاملارنى تەكلىپ قىلىپ، مېھمان كۈتۈشنى ئابرۇي ھېسابلايتتى، يۈز - ئابرۇيى بارلار خۇڭچۇنيۈەننىڭ ئاشپەز ئۇستاملىرىنى تەكلىپ قىلالايتتى.

   1932 - يىلىدىن 1957 - يىلىغىچە «شىڭخۇاسۈن» كۆپ قېتىم كۆچۈرۈلدى ۋە نامى ئۆزگەرتىلدى، ئاخىرىدا «خۇڭچۇنيۈەن» دېگەن داڭلىق نام بىلەن ئاتالدى.

   1957 - يىلى خۇڭچۇنيۈەن ئاشخانىسى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆزگەرتىلدى، بۇ ئۇنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى. 1981 - يىلى بەش قەۋەتلىك «خۇڭچۇنيۈەن ئاشخانىسى» بىناسى قەد كۆتۈرۈپ، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچىنىڭ يېمەك - ئىچمەك يەر بەلگىسىگە ئايلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاشخانا بۆلۈمى، ئۇششاق يېمەكلىكلەر بۆلۈمى، جۇڭگوچە تائاملار بۆلۈمى ۋە غەربچە تائاملار بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگوچە تائاملار ئاشخانىسىدا بىرلا ۋاقىتتا بەش - ئالتە يۈز ئادەمنى كۈتۈۋالغىلى بولاتتى، خۇڭچۇنيۈەن ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ گۈزەل نام كارتىسىغا ئايلانغانىدى.

   ئىقتىسادىي تەرەققىيات دولقۇنىدا، 2003 - يىلىغا كەلگەندە خۇڭچۇنيۈەن مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇش ھىدى تاراپ تۇرىدىغان بۇ تۆت كوچا سودا چەمبىرىكىدىن غايىب بولدى، لېكىن كونا ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ خۇڭچۇنيۈەننى يادىدىن چىقارغىنى يوق.

   خەلق كىنوخانىسىدىن شەرققە قاراپ ماڭغاندا، «ئەسلىمىمىزدىكى خۇڭچۇنيۈەن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. بۇ ئاشخانىنىڭ لوبىنى ما گوچىن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ما لىڭداۋ ئىلگىرى خۇڭچۇنيۈەن ئاشخانىسىنىڭ باش دىرېكتورى ئىدى. خۇڭچۇنيۈەننى ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ ئالدىدا قايتا نامايان قىلىش بۇ ئاتا - بالا ئىككىيلەننىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىدى.

   2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، «ئەسلىمىمىزدىكى خۇڭچۇنيۈەن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا خەلق كىنوخانىسىنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى. ما گوچىن بۇ كۈن ئۈچۈن بىر يىل ۋاقتىنى ئەينى يىللاردىكى ئاشۇ تەمنى قايتا تېپىپ چىقىشقا سەرپ قىلدى. ئۇ ئەينى يىللىرى خۇڭچۇنيۈەندە ئىشلىگەن 20 نەچچە پېشقەدەم ئۇستامنى تېپىپ، ئۇلارنى ئەنئەنىۋى قورۇمىلارنى بۇرۇنقى تەمى بىلەن يەنە بىر قېتىم تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىشقا تەكلىپ قىلدى.

   «ئەسلىمىمىزدىكى خۇڭچۇنيۈەن»نىڭ ئاشپەزلەر باشلىقى دوڭ كۇنمىڭ ئىلگىرى دادىسى بىلەن بىللە خۇڭچۇنيۈەن ئاشخانىسىدا ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە «ئەسلىمىمىزدىكى خۇڭچۇنيۈەن»گە قايتىپ كېلىپ، دادىسىنىڭ ئارزۇ - ئارمىنىنى ئىشقا ئاشۇردى.

   «ئەسلىمىمىزدىكى خۇڭچۇنيۈەن» تىجارەت باشلىغان كۈنى، كۆپچىلىك بۇ يەرگە جەم بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى تەمنى تېتىغاچ خۇڭچۇنيۈەندىكى كۈنلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

   «ئەسلىمىمىزدىكى خۇڭچۇنيۈەن»نىڭ تاماق تىزىملىكىدىكى 80 نەچچە خىل قورۇمىنىڭ تەڭدىن يېرىمى ئىلگىرىكى خۇڭچۇنيۈەننىڭ تاماق تىزىملىكىدە بار قورۇمىلار ئىدى. مۇشۇ ئاساستا يەنە ھازىرقى ياشلارنىڭ تەم سەزگۈسىگە ماس كېلىدىغان قورۇمىلار قوشۇلدى. زامانىۋى بېزەلگەن، تام ۋە ئايرىمخانىلارغا خۇڭچۇنيۈەننىڭ كونا سۈرەتلىرى ئېسىلغان، قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى يېزىلغان بولۇپ، ھازىر بىلەن ئۆتمۈش ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈلۈپ، بۇ شەھەرنىڭ ئەسلىمىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇلغانىدى.

   «ئەسلىمىمىزدىكى خۇڭچۇنيۈەن»دىن ئايرىلىپ، قىزىلبايراق يولىدىن ئۆتۈپ بەيخۇاسۈنگە قاراپ ماڭغىنىمىزدا «خېڭدېلى» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بىر بىنا بەيخۇاسۈن كومپيۇتېر شەھەرچىسىنىڭ ئۇدۇلىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

   خېڭدېلى كونا ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە تونۇش.

   ئۈرۈمچىدىكى كونا خېڭدېلى سائەت دۇكىنى ئەمەلىيەتتە شاڭخەيدىكى باش دۇكىنى بىلەن ئوخشاش تارىخىي مەنبەگە ئىگە. 1915 - يىلى جېجياڭ خەينىڭلىق ۋاڭ گۇاڭزۇ قاتارلىقلار مەبلەغ توپلاپ، جياڭسۇ جېنجياڭدا تۇنجى خېڭدېلى سائەت - كۆزەينەك دۇكىنىنى ئاچقان. 1919 - يىلى ۋاڭ گۇاڭزۇ يەنە شاڭخەيدە خېڭدېلى سائەت دۇكىنىنى ئاچقان ھەمدە دۇكانغا كۆزەينەكمۇ سالغان. باشقۇرۇش ياخشى بولغاچقا، بۇ دۇكانلار ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان، ۋاڭ گۇاڭزۇ 1923 - يىلىدىن 1948 - يىلىغىچە بولغان 20 نەچچە يىلدا بېيجىڭ، تيەنجىن، نەنجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئارقا - ئارقىدىن 60 نەچچە تارماق دۇكان ئاچقان، ھەرقايسى جايلاردىكى تارماق دۇكانلار بىرتۇتاش شاڭخەيدىكى باش دۇكاندىن مال كىرگۈزگەن. ئۈرۈمچىدىكى تارماق دۇكان بۇ كۇرسلۇق ماركا گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆز جايىدا مۇستەقىل تەرەققىيات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ھازىر شاڭخەي شەھىرى شۈخۇي رايونىدىكى شاڭخەي سائەت مەدەنىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنىڭ كۆرگەزمە زالىغا قويۇلغان 18 - ئەسىردىن ھازىرغىچە بولغان تۈرلۈك سائەتلەر جۇڭگو سائەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولۇپ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئىچىدە خېڭدېلى داڭلىق سائەتلىرىمۇ بار.

   تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئىلگىرى خېڭدېلى سائەت دۇكىنىدىن ئىككىسى بار ئىكەن. «جېڭجى» خېڭدېلى سائەت دۇكىنى 1945 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى جېجياڭ نىڭبولىق شۈ جېنمىن ئىكەن، ئۇ گەنسۇ جيۇچۈەندىن دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھىرى)غا كېلىپ، داشىزىدا كىچىك سائەت دۇكىنى ئاچقان. 1946 - يىلى لەنجوۋدىكى خېڭدېلى سائەت دۇكىنىنىڭ لوبىنى نىڭبولىق ياڭ جيەنچېنغا دىخۇا نەندا كوچىسى (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھىرى ئازادلىق شىمالىي يولى)دا خېڭدېلى سائەت - كۆزەينەك دۇكىنى ئېچىشنى ھاۋالە قىلغان، بۇ دۇكاننىڭ كۆلىمى شۈ جېنمىننىڭ دۇكىنىدىن خېلىلا چوڭ ئىدى. 1953 - يىلى ياڭ جيەنچېننىڭ خېڭدېلى سائەت - كۆزەينەك دۇكىنى داشىزىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە، يەنى كېيىنكى تىيانشان سودا سارىيىنىڭ ئورنىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن.

   20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 80 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا قول سائىتى، ۋېلىسىپىت، كىيىم تىكىش ماشىنىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۇيۇم تويلۇق ئالغاندا كەم بولسا بولمايدىغان بۇيۇملار ئىدى. كىشىلەر ھەر كۈنى ئەتىگەندە خېڭدېلى سائەت دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇراتتى، مەخسۇس ئادەم ئۇلارغا نومۇر تارقىتاتتى. مىقدارى چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىلىشى ياخشى بولغاچقا، خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە كىشىلەر بېلەت نومۇرىغا ئاساسەن سېتىۋالغان. شۇنداقتىمۇ بۇ دۇكاندا كۈندە جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ داڭلىق سائەتلىرى بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق سائەت سېتىلاتتى. ئىمپورت قىلىنغان سائەتلەر ئىچىدە مېيخۇا، يىڭناگې، ئومىگا قاتارلىق ماركىلىق قول سائەتلىرىنىڭ باھاسى ئىككى - ئۈچ يۈز يۈەن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئادەتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈچ ئايلىق مائاشىغا توغرا كېلەتتى. ئادەتتىكى ئائىلىلەر بىر يىل پۇل يىغىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن، 120 يۈەنلىك شاڭخەي ماركىلىق قول سائىتى سېتىۋالسا شۇنىڭدىن رازى بولاتتى.

   شەھەر ئاھالىسى فەن جاۋپىڭ دادىسىنىڭ مېيخۇا ماركىلىق قول سائىتىنى ئەسلەپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دادامنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەينى يىلى بۇ قول سائىتىنى 400 يۈەنگە سېتىۋالغانىكەن، بۇ ئۇنىڭ يېرىم يىللىق مائاشىغا باراۋەر بولغاچقا، بەك قەدىرلەپ، نەچچە ئون يىل تاقىغان، سائەت ئەينىكىدىكى ھەربىر سىزىقچىلارنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنىمۇ ئېنىق ئېيتىپ بېرەلەيتتى».

   ھازىرقى شىنجاڭ خېڭدېلى شىركىتى شىنيۈ خېڭدېلى گۇرۇھىنىڭ قارىمىقىدا بولۇپ، شىنيۈ خېڭدېلى گۇرۇھى ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا ماركىلىق داڭلىق سائەتلەرنى پارچە سېتىش چوڭ گۇرۇھى ھېسابلىنىدۇ. 2006 - يىلى شىنيۈ خېڭدېلى شىركىتى ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى سودا سارىيىنى تولۇق مەبلەغ بىلەن سېتىۋالدى، كېيىن شىنجاڭ خېڭدېلى چەكلىك شىركىتىنى رەسمىي قۇردى. ۋاقىت ئۆتۈپ، بىرقانچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە فەن جاۋپىڭ شىنجاڭ خېڭدېلى شىركىتىنىڭ دۇكان دىرېكتورى بولدى.

   فەن جاۋپىڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدىكى بەزى ياشانغانلار مېنىڭ خېڭدېلى شىركىتىدە ئىشلەيدىغانلىقىمنى ئۇقسا ئۆزىنىڭ خېڭدېلىغا ئائىت ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ بېرىشىدۇ. خېڭدېلىدا بۇ ياشانغان كىشىلەرنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرى بار، بۇ مېنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى.

   گەرچە ئىككى دەۋردىكى خېڭدېلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىدە ئەڭ بۇرۇن يىلتىز تارتقان بۇ داڭلىق سائەت ماركىسى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

   بۈگۈنكى كۈندە ئۈرۈمچىدىكى خېڭدېلى سائەت دۇكىنىدا خەلققە يېقىشلىق باھادا سېتىلىدىغان تيەنسو، مېيدۇ، خامىلتون، يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك لاۋلىشى، باۋپو، كادىيا قاتارلىق سائەتلەر بار. قول سائىتىنى توي سوۋغىسى سۈپىتىدە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىگە سوۋغا قىلىش ئۈرۈمچىدە ھېلىھەم مودا بولۇۋاتىدۇ.

   فەن جاۋپىڭ مۇنداق دېدى: ياشلار چاي ئىچۈرۈلگەندە قول سائىتى سېتىۋېلىپ، بىر - بىرىگە سوۋغا قىلىشىدۇ، بۇنىڭ مەنىسى چوڭقۇر ھەم يىغىپ ساقلاش قىممىتىگە ئىگە.

   بېلەت بىلەن سائەت سېتىۋالىدىغان، «تويلۇقتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ چوڭ بۇيۇم»نىڭ بىرى بولۇش دەۋرىدىن بۈگۈنكى كۈندە لاۋلىشى بىلەن تيەنسو ماركىلىق ئېسىل سائەتلەر پوكىيىغىچە، خېڭدېلى باشتىن ـ ئاخىر ۋاقىت ھېكايىسىگە گۇۋاھ بولۇپ كەلدى. فەن جاۋپىڭنىڭ دادىسى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان مېيخۇا ماركىلىق سائەت بىلەن ياش خېرىدارلار توي تەكلىپى قويۇشتا سېتىۋالىدىغان كادىيا ماركىلىق قول سائىتى ئەينەك پوكەيدە زامان - ماكان سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

   (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز چېن يەنفاڭ)


مۇھەررىر:ئەكبەرجان ئەمەت، تەكشۈرگۈچى: ئابدۇسالام ئابدۇۋايىد





 
ئىنكاس يېزىڭ ...
تاپشۇرۇش
كىچىك
ئۆلچەملىك
سەل چوڭ
چوڭ
بىكار قىلىش